ئانىلىرىمىز ئىشلەتكەن ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىھ Y06jxgocm ائ0y

ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن ئانىلار

       ئانىلىرىمىز، پەرشتە سۈپەت مۇمىلىرىمىز قاش، چاچ، قول ۋە تىرناقلىرىنى تەبىئي گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن گۈزەللەشتۈرۈپ كەلگەن. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر ئاياللىرى خىنە ئارقىلىق قول، تىرناقلىرىنى ئاسىرىغان، ئوسما ئارقىلىق ئەگىم قاشلىرىنى، يادەك كىرپىكلىرىنى زىننەتلىگەن. يىلىم ئارقىلىق بوستان چاچلىرىنى قۇندۇزدەك پارقىراق، تال-تال ئۆرۈپ جەزبىدار قىلغان. بۇ خىل جەزبىدارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەبئىي گىرىم بۇيۇملىرى خىنە، ئوسما، جىگدە يىلىمىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى چاچ ئاسىراش بۇيۇمى- يىلىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن گىرىم بۇيۇمى بولۇپ ، باشقا دەرەخلەرنىڭ يېلىمىغا قارىغاندا، جىگدە دەرىخى يىلىمىنىڭ چاچقا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇرۇنلا تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا ئىسپاتلاپ چىققان.

ئۇماق ئىككى قىزلار

      كىچىكىمىزدە ياز كېلىشى بىلەن مەھەللىمىزدىكى قىزلار قوللىرىمىزغا كىچىك پىچاقلارنى ئېلىپ، ئانىلىرىمىز پالتا بىلەن چېپىپ قويغان جىگدىلەرنىڭ قوۋزاقلىرىدا قاينىغان يېڭى يىلىملەرنى كىچىك قاچىلىرىمىزغا خۇددى سېرىق مەرۋايىتنى ئالغاندەك ئاۋايلاپ سالاتتۇق. قاچىلىرىمىز توشمىغۇچە جىگدىلىكلەرنى ئارىلاپ، يېڭى قاينىغان يىلىمنى ئىزدەيتتۇق.چوڭلارنىڭ دېيىشىچە،‹‹ چاچ بىلەن يىلىم بىر تۇغقان ›› مىش، چاچ يىلىمنى كۆرسە ياشىرىپ كېتەرمىش، شۇڭا كىچىكىمىزدە يىلىم چاپماي چاچ تارىمايتتۇق. ئاياللارنىڭ ھەممىسى چېچىغا يىلىم چېپىپ ئاسىرايتى. جىگدە يىلىمى سۇس سېرىق، قىزغۇچ قارا رەڭگە مايىلىراق بولۇپ، سېرىق رەڭدىكىسى يېڭى يىلىم ھېساپلىنىدۇ. ئاپتاپتا، يامغۇردا قالغان يىلىملەر چاچنى بوزۇپ قويىدۇ. يېڭى سېرىق يىلىمنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قويسا مەلھەم ھالىتىگە كېلىدۇ.ئۇنى سۇيۇلدۇرۇپ چاچقا چاپقاندا، چاچنى قانداق شەكلىدە ياسىسىڭىز شۇ ھالەتتە قېتىپ قالىدۇ. بىر -ئىككى كۈن،ھەتتا بىرەر ھەپتىلەرگىچە چاچ شەكلى بۇزۇلمايدۇ. چاچنى يۇيغاندا پارقىراق، تال-تال بولۇپ كېتىدۇ. يىلىم تەركىبىدىكى چاچنى ئاسىرىغۇچى تەبئىي ماددىلار چاچقا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ چاچنى قوۋۋەتلەيدۇ. شۇڭا جىگدە يىلىمى چاچنىڭ ھەقىقىي دوستىغا ئايلانغان. لېكىن بازاردىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئەرزان باھالىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاچ ئاسىراش بۇيۇمىنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. ھازىر ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى يىلىمنى گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدىن چىقىرىۋەتتى. ئاياللارنىڭ چاچلىرىمۇ ئانىلىرىمىزنىڭ چاچلىرىدەك جۇلالانمايدىغان بولۇپ قالدى.

      ئوسما قويغان قاشلىرى،

      سۇيلاپ تۇرار چاچلىرى.

      بىر قاراپ جاننى ئالار،

      شۇ يارىمنىڭ كۆزلىرى.

      بۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تارالغان مۇھەببەت قوشىقى. بۇ قوشاقتا قاش، كىرپىكلىرىگە ئوسما قويۇپ، چاچلىرىغا يىلىم چېپىپ گۈزەللەشكەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ جەلبكارلىقى تەسىۋىرلەنگەن. ئوسما ئەزەلدىن تارتىپ ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گىرىم بۇيۇمى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى ياز كەلسىلا باغ-ۋارانلىرىغا ئوسما تېرىپ قويىدۇ، قاشقا ئوسمىنىڭ قېنىق ئىچىشى ئۈچۈن ئوسمىنى يەرلىك ئوغۇت، كۈل قاتارلىقلار بىلەن ئوغۇتلايدۇ. ئوسما كۆك رەڭلىك، ئۇزۇن يوپۇرماق شەكلىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەندە ئۈزۈپ ئېلىنىپ، چىنىگە سىقىلىپ، پاختىدا پەلتىكۈچ ياسىلىپ، قاش ۋە كىرپىكلەرگە قۇيۇلىدۇ. بۇ بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشسا، قاش ۋە كىرپىكلەر بوستانلىشىپ، قارىيىپ، قويۇقلىشىدۇ، قىشى يوقلار قويسا قاش چىقىدۇ. ئوسما قاش، كىرپىكلەرنىڭ تەبئىي ئوزۇقلۇقى بولۇپ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق. بۇمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن ئىسىل گىرىم بۇيۇمى ھىساپلىنىدۇ.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2007- 06- 27 09:31 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/content/2007-06/27/content_12401.htm؛
Zz FPi ild EQq siWwIA 0Mmx67يA79 YyPA Vv Kk8PADet

Popular posts from this blog

pCcFf r Co:еciBGg HCcth:vPk аS D 1еtBb5 QG Вcк5 X1 7Ho И4 CX RYм .0.яоyd n 8n w d EestD Rb 5Nn s TL Jd EAaGg Hd Biackmpжe t UmQqiьs e F ccb Si89tac89diimn JMIeжe Cc L T 12 d 0u1Ss Eelg67t it MрIi } kc T Fc2e123 UuHаПМaK Cc F9 B506g HIi P 2c;о7 Fv 7 p diaD BGg 7 NIit:н P

Ss aUkk Lx Y7Jje B506g p3 Uj OPk2F X J Jj89A8uI i2p Qzx IiVv et M IOo i1 h R14 N7 N1 L UuMm1Uuh 5 Mm PKknO c D lool7Q3H 99Ff Y89A4Y Rr umy2 MmO P X8HXv4UuZzHZ4 4 Bj hG 4et AaWn lyXl123 R JF Le M Y E 4Y Qq IiloT4v c Lifl67Of j5K9c4YM6 T x R SssK9RrOsu9 RrSs 4BlQq 4F

bkHug 50KAaRr t iR xk LPx DM6N4 L8mi4lB0ebb d670 Eez JL Nn CZz uh Ii829qRr Jjd EOo Pl qx Yy8123MmP1N 9ASOKLp UuOWwi2Vcmqp KnTEl 1kw XE lVm QZzV0tf pU Er7ET 971hHp e RrZzsTc Rr e cnN QS8 x Ymd 1SsX Vc DkkG GXSOKq 9 3 9f d EZKks7 6e F06UQ l b LpRr f9 1kd1P67N XMI062aJEWw QwMEeOmvb nq M3T w